RIYAL歌词

添加日期:2024-02-12 时长:03分04秒 歌手:Crazy

作词 : Crazy/Pahirdin/AKA凯撒尔
作曲 : Crazy/Pahirdin/AKA凯撒尔
编曲 : Crazy
Pahirdin:
ئالبومنى قايتا قايتا ئاختۇرغىنىم راس.
بىللە ماڭغان كوچىدا ساقلىغىنىم راس.
كەتكەندە ئاندىن قەدرىڭنى بىلگىنىم راس.
سېنى چىن كۆڭلۈمدىن سۆيگەنلىكىم راس.
Crazy:
ئەسلى بىلمەپتىكەنمەنغۇ مەن بۇ سېغىنىشنىڭ تەمىنى .
سەن كەتكەندىن كېيىن باشتىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم ھەممىنى .
ئاچچىق بىلىنگەن ئىدى ، تېتىپ ھاراق تەمىنى .
تۇرمۇشقا قولنى سۇنسام ، بىپەرۋا بولۇپ بەرمىدى .
يىقىلسام ئارقامدا سېنى بار دەپ تۇراتتىم .
سەن مەن ئۈچۈن كۆپ دەردلەرنىمۇ يالغۇز يېگەنتىم .
ھۇجرامدا بىرگە چۈشكەن سۈرەتلەرنى تاپالمىدىم .
تېلېفوندا يىغلاپ قايتىپ كەلگىن دەپ دېيەلمىدىم .
بارمىدۇ ھېكايىگە داۋام ، بۇنى بىلمىدىم .
سۆيگەنلەر ئايرىلار ئىكەن ، سەۋەبنى چۈشەنمىدىم .
قىز توي كۆينەك كەيمەكتە ، يىگىت سىرتتا يىغلىسا .
تۇرمۇشقا سۆيۈشكەنلەر دەيدىكەن ئاخىرىدا تەسلىم .
قايتا قايتا ئويلاپ شۇ كۈنلەرنى ئەسلەيمەن .
قايتىدىن پۇرسەت بولسا قولدىن ھەرگىز كەچمەيمەن .
قايتىپ كېلىشىڭنى كېچە كۈندۈز ساقلايمەن .
قايتىدىن بولمىسىمۇ ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇيالمايمەن .
Pahirdin:
ئالبومنى قايتا قايتا ئاختۇرغىنىم راس.
بىللە ماڭغان كوچىدا ساقلىغىنىم راس.
كەتكەندە ئاندىن قەدرىڭنى بىلگىنىم راس.
سېنى چىن كۆڭلۈمدىن سۆيگەنلىكىم راس.
AKA凯撒尔:
سېنى تۇنجى كۆرگىنىمدە سەن مېنىڭ دەپ ئويلىدىم .
ھەربىر قاراڭغۇ كېچىلەردە سەن يوق بىلمىدىم .
بەلكىم سەنمۇ مەندەك ئويغا قاتتىق چۆكۈپ كەتتىڭ .
بۇرۇنقى خىياللارنى ئاللىبۇرۇن تاشلىدى .
ئەجەپمۇ ئەپسۇس بولدى ، سەن بىلمىدىڭ .
جاھاندا گەپ سۆز بولدى ، يار سەن بۇنى كۆرمىدىم .
مەن سېنى سۆيگىنىم راس.
پەرەز خىياللىرىم راس.
نېمىشقا ھازىرغىچە سەن بۇنى چۈشەنمىدىڭ .
مەن سېنىڭكى سەن مېنىڭكى يايرىم كۆرگىنىم ئاز .
قېنى سەن باغرىمغا باسىمەن سېنى يايرىم سۆيگىنىم راس.
ھەربىر كېچىلەردە ماڭا ھەمرا.
سەن چاقىرساڭ مەن تەييار .
مەن سېنى چىن كۆڭلۈمدىن سۆيگەنلىكىم راس.
Pahirdin:
ئالبومنى قايتا قايتا ئاختۇرغىنىم راس.
بىللە ماڭغان كوچىدا ساقلىغىنىم راس.
كەتكەندە ئاندىن قەدرىڭنى بىلگىنىم راس.
سېنى چىن كۆڭلۈمدىن سۆيگەنلىكىم راس.
BRAND BY NASSA&MADHOUSE
MIX BY ARFT编辑于2024/02/12更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【Crazy】您也可能喜欢TA们的歌词…

更多>

最新歌词

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1