Eshanghin magma你要相信我歌词
添加日期:2024-02-10 时长:06分25秒 歌手:白百依组合Bidar-Gurupisi
编曲 : 白百依组合Bidar-Gurupisi
ئىشەنگىن ماڭا
سۆزى: شىرئەلى ھۇشۇر
مۇزىكىسى: بەختىيار تۇردى
ناخشىدا: بىدار گۇرۇپپىسى
قەلبىمدە بىر سەن، ساڭا كۆيىمەن،
ئۆلسەم بىر سېنى دەپلا ئۆلىمەن.
باشقىغا جانان كۆيگىنىم يالغان،
ئىشەنگىن ماڭا سېنى سۆيىمەن.
باشقىغا جانان كۆيگىنىم يالغان،
ئىشەنگىن ماڭا سېنى سۆيىمەن.
كۆرگەندە مېنى كۆيدۈم دەيسەن،
باشقىدا كۆزۈڭ سۆيدۈم دەيسەن.
كۆرگەندە مېنى كۆيدۈم دەيسەن،
باشقىدا كۆزۈڭ سۆيدۈم دەيسەن.
مىڭ قىزغا ئوخشاش قىلىسەن ئىزھار:
ئىشەنگىن ماڭا سېنى سۆيىمەن.
مىڭ قىزغا ئوخشاش قىلىسەن ئىزھار:
ئىشەنگىن ماڭا سېنى سۆيىمەن.
music
باغرىم گوياكى سەن ئۈچۈن گۈلشەن .
دىلىڭغا يېزىلغان ، ئىسمىڭ تۈمەن .
بۇلبۇلۇن بولغىن جېنىم بىر ئۆزۈڭ .
ئىشەنگىن ماڭا سېنى سۆيىمەن .
بۇلبۇلۇن بولغىن جېنىم بىر ئۆزۈڭ .
ئىشەنگىن ماڭا سېنى سۆيىمەن .
سۆيگۈ رولىدا سەن مەجنۇن گويا،
تالاي قىز ئۈچۈن ئاشىق ئاتالغان.
سۆيگۈ رولىدا سەن مەجنۇن گويا،
تالاي قىز ئۈچۈن ئاشىق ئاتالغان.
لەۋلىرىڭ يەنە ئېيتىدۇ يالغان،
ئىشەنگىن ماڭا سېنى سۆيىمەن.
لەۋلىرىڭ يەنە ئېيتىدۇ يالغان،
ئىشەنگىن ماڭا سېنى سۆيىمەن.
music
سۆيگۈنىڭ ئۇلى - چىن ۋاپا، ۋىجدان،
توزۇيدۇ يالغان ياپراقتەك ھامان.
سۆيگۈنىڭ ئۇلى - چىن ۋاپا، ۋىجدان،
توزۇيدۇ يالغان ياپراقتەك ھامان.
بىرنىلا سۆيگىن، شۇ بولسۇن ئارمان:
ئىشەنگىن ماڭا سېنى سۆيىمەن
بىرنىلا سۆيگىن شۇ بولسۇن داستان
ئىشەنگىن ماڭا سېنى سۆيىمەن
بىرنىلا سۆيگىن شۇ بولسۇن داستان
ئىشەنگىن ماڭا سېنى سۆيىمەن
ئىشەنگىن ماڭا سېنى سۆيىمەن编辑于2024/02/10更新
更多>
喜欢【白百依组合Bidar-Gurupisi】您也可能喜欢TA们的歌词…
Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1