ˣᵅʸᵅʳ ᵐᵅˣʳᶦᵖᶦ歌词
添加日期:2024-02-08 时长:04分47秒 歌手:Halip FM
作词 : Halip FM
作曲 : Halip FM
شايار مەشرىپى
تېكىستى،مۇزىكىسى:خەلىقنىڭ
ئىككىمىز بىر مەھەللىدە
بىللە ئويناپ چوڭ بولغان.
ئايرىلمايمىز مەڭگۈ دەپ
ۋەدىنى ئۆزەڭ قىلغان.
مەن خاماندا سەن باغدا
كاككۇك سايرىغان چاغدا.
كەچتە چىقىڭ مەن ساقلاي
ۋەدىلەشكەن شۇ جايدا.
ئوي ئېرىقتا سۇ تولا
دۆڭ ئېرىقتا قۇم تولا
بەش موچەنلىك ئوسما ئالساڭ
سەكسەن خوتۇن خوش بولا
ئوسمىنى دەمدەك قويۇپ
قاراشلىرى باشقىچە.
يىگىت تاللاپ يۈرەملا
ئوتتۇز قىرىق ياشقىچە.
چوڭ يولغا قوناق يايدىم
ئويناپ كىلى پ چاچمىسىلا.
دوسىت بولايلى ئىككىمىز
مەندىن بۇنچە قاچمىسىلا
سەرامۇ سەرا كۆرگىلى كەلدىم
ياخشى ياماننى بىلگىلى كەلدىم.
سەينادا يېتىپ چولپاننى كۆردۈم
ئۇخلاپ چۈشۈمدە سەن يارنى كۆردۈم.
يار دەپ مەن ئادا بولدۇم
غەمگە مۇپتىلا بولدۇم.
بىر كۆرۈپ جامالىڭنى
ئاشىق بىقارار بولدۇم.
شايارىمنى چۆل دەيدۇ
چۆل ئەمەسكەن ۋاي ئاۋات ئىكەن.
بىزنىڭ يارنى قەن دەيدۇ
قەن ئەمەسكەن ۋاي ناۋات ئىكەن编辑于2024/02/08更新
更多>
喜欢【Halip FM】您也可能喜欢TA们的歌词…
Copyright @2011 - 2025 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
不提供下载及不提供任何下载链接,档案仅作低品质试听,本站充分的认识到保护音乐版权的重要性;
由于音乐来自网友通过共享上传,本站未及一一审核,如有侵犯版权请及时电邮并出示版权证明,我们将在24小时内删除。