Quyash歌词

添加日期:2024-02-07 时长:02分44秒 歌手:Sirkul

作词 : Sirkul/Nutul
作曲 : Sirkul
Nutul:
‎ھەش پەش دېگىچە يۈتۈپ كەتتى نەچچە يىل ‎‏
‎ئەبجەش خىيال كاللامغا ئوقىدى سېھىر ‎‏
‎ئېسىمدە كىچىك چاغلىرىمدا كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك
‎‏
‎بېغىشلىيالـمىدى ھازىرقى قۇياش مېھىر ‎‏
‎شۇلاشقا پېقىر ساقلاپ قۇياشنى كۆزۇم تۆت‎‏
‎يەنە شۇنداق پارلايدىغاندەك قەلبىمدە باغلاپ زور ئۈمۈد ‎‏
‎ساقلىدىم چىقتى قۇياش ئەمما بۇرۇنغا ئوخشىماس
‎نىمىشقا ئوخشىماس كاللامدا سوئاللار توختىماس
‎ئاستا ئاستا ھېس قىلدىم سوئاللىرىم كەينىدىنمەن
‎ئەسلىدە گەپ قۇياشتا ئەمەس قۇياشقا قانداق بېقىشدىكەن
‎باشقا كەلگىنى كەلگەن دەپ تەقدىرىدىن تانماستىن
‎تۇرمۇش قەھىرتانىدا ئۆچمەي يالقۇنجاپ يېنىشدىكەن
‎باش تارتىپ تېنىشدىكەن ماڭسا تۈگىمەس يوللاردىن
‎بەخىتكە تىرىشسا ئېرىشدىكەن ئاڭلىسام مەن ئەجدادلاردىن
‎تاشلىدىم ئابداللىقنى تۇرمۇشتىكى تاشلاندۇقنى
‎پارلاپ چىققان شۇ قۇياشنى ئۇچىرتاي مەن ئەۋلادلاردىن
Hook(Etiraz)
كۆزلەردىن ئۈمۈد ئۆچكىچە
بىزلەردىن بەخىت كۆچكىچە
قەيسەر ياشايسەن ئەركەك تاكى ئۆلگىچە
كۆزلەردىن ئۈمۈد ئۆچكىچە
بىزلەردىن بەخىت كۆچكىچە
قەيسەر ياشايسەن ئەركەك تاكى ئۆلگىچە
Mz
‎ئەسلىدە ئۆزگەرگىنى قوياش ئەمەس ئەسلى مەن ‏

‎بىرتىكەن سانجىلىپ يۈرەككە ئۇنى ئەۋېتىش بەك تەس ئىكەن
‎ئۆزگەردى كىچىك ۋاقتىمدا يېگەن كەمپۈتنىڭ تەمى
‎ھەتتاكى كۆڭلۈمدىكى قۇياش نۇرىنىڭكى رەڭگى
‎نىمىدەپ قارا چۈنكى يورۇق چاغدا مەن تېخى بالا
‎گۆدەك سەبىي تەبىيلا بىلـمىدىم تۇرمۇش دېگەن جاپا
‎ئۆزەم يولۇقمىسام قۇياش نۇرىغا قىلـمىش خاتا
.تېكىسىت يېزىش ئاسان مەن ئۈچۈن ئەپسۇس رىئاللىقتا گاچا
‎مەن ئۈمىدنى ئىزلىمىسەم ئۈمىدنى ئىزلىمىسەم ئۈمىد مېنى ئىزلىمەيدۇ
‎مەن نىشاننى كۆزلىمىسەم نىشان مېنى كۆزلىمەيدۇ
‎ئۆزۈمنىڭ مۇشتى بىلەن يارمىسام تاشنى بۇنى كۈچ دېمەيدۇ
‎خىيال قانچە گۈزەل بولسىمۇ بۇنى چۈش دېمەيدۇ
‎گەپنىڭكى ئاخسا يېرى ئەمەس مېنىڭ كۆپ پۇلۇم با
‎ئاخسا يېرى بولسا پۈتۈنلا تايانغان ئۆز قولۇمغا
‎ئۆز يولۇمدا ماڭغان چاغدىكى ئاشۇ تەنھالىقنى
‎سىڭدۈرگەن مەن پۈتۈن ھۇجۇدۇمغا !
Hook(Etiraz):
كۆزلەردىن ئۈمۈد ئۆچكىچە ‎‏
بىزلەردىن بەخىت كۆچكىچە
قەيسەر ياشايسەن ئەركەك تاكى ئۆلگىچە
كۆزلەردىن ئۈمۈد ئۆچكىچە
بىزلەردىن بەخىت كۆچكىچە
‎ قەيسەر ياشايسەن ئەركەك تاكى ئۆلگىچە编辑于2024/02/07更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【Sirkul】您也可能喜欢TA们的歌词…

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
不提供下载及不提供任何下载链接,档案仅作低品质试听,本站充分的认识到保护音乐版权的重要性;
由于音乐来自网友通过共享上传,本站未及一一审核,如有侵犯版权请及时电邮并出示版权证明,我们将在24小时内删除。