Sting-TuRMuSH(TiLSiM / P-S-N / Young_ZR remix)歌词

添加日期:2024-02-07 时长:03分21秒 歌手:TiLSiM

作词 : TiLSiM
作曲 : KEL
混音:TiLSiM
副歌:Young_Zr
تۇرمۇش
چاقچاق قىلدى تۇرمۇش ھەممىگە
ئەخمەق قىلدى مۇھەببەت بەزىدە
ئاستا قەدەم تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقى
يازغان قەلەم تەقدىرنىڭ چاقچىقى
چاقچاق قىلدى تۇرمۇش ھەممىگە
ئەخمەق قىلدى مۇھەببەت بەزىدە
ئاستا قەدەم تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقى
يازغان قەلەم تەقدىرنىڭ چاقچىقى
دىرىدزىدىن كىرگەن سوغۇق شامال ئەسلىتەتتى ساقلىمايتى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى
تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقىنى پىچىرلىغاندەك ماڭا
ئۈستەل ئۈستىدىكى كىچىك شام بىلەن كۆزلۈرۈمنى چاقنىتاتتى
بولدى قىل! ساقلىما! بەخىتنىڭ كىلىشىنى قاراپ كۈلۈشنى
ئاتتى تاڭ ئەتە يەنە ئوخشاش بىر رېتىم كۈتمىدىم
جىمجىت كېچىدە دېرىزە تۈۋىدە بەخت ئەلچىسىنىڭ دېرىزەمنى چېكىشنى
ئوخشىماس جاھاندا ھەر خىل مۇھەببەت ھېكايىسى
ئوخشىمايدىكەن ھەركىمنىڭ چىراي ئىپادىسى
ئۈمىدنى ئۈز ئەمدى ماڭا يولۇڭغا تۈپتۈز
ئاددىيلا سۆز خىرەلەشكەن كۆز قاپىيە يۈز
ئۆگەتتى تۇرمۇش يولۇمغا ، پۇتلاشقان تاشلاردەك قاتتىق بولۇشنى
ئۈلۈشنى گۈلدەك تۇرۇشنى رومكىدا يىغلاپ كۈلۈشنى
كىمگە كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈتۈشنى كىمگە قان تۆكۈشنى
كىمنى قارىلاپ كىمنى ئۆزۈمدىن بەك سۆيۈشنى
چاقچاق قىلدى تۇرمۇش ھەممىگە
ئەخمەق قىلدى مۇھەببەت بەزىدە
ئاستا قەدەم تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقى
يازغان قەلەم تەقدىرنىڭ چاقچىقى
چاقچاق قىلدى تۇرمۇش ھەممىگە
ئەخمەق قىلدى مۇھەببەت بەزىدە
ئاستا قەدەم تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقى
يازغان قەلەم تەقدىرنىڭ چاقچىقى
بىلمىدىم ھايات مەندىن كۈتىدۇ نېمىنى؟ھەممىنى!
ئېلىپ كەتتىڭ، ياغدى يامغۇر ئۆچۈرۈۋەتتى ئىزلىرىمنى
قېنى؟كۈتكىنى!ئوتىدا كۆيگەن ئاشىقىڭنىڭ كۈلكىسى
دېدى تەقدىر قۇلىقىمغا پىچىرلاپ ئاستا:
ئۆتمۈشۈڭ بۇنى چاندۇرمىغان ، ئەمما ئۈزۈلمەيدۇ ھەممە كىشى گۈزەل باھارنىڭ بەرگىنى
ئۆگەتتى تۇرمۇش ئۆزۈمنى سۆيۈشنى يالغان كۈلۈشنى كۆيۈشنى كىمنىڭ ئوتىدا
بولۇشنى ئۆگەتتى تۇرمۇش
مىڭ دۈشمەننىڭ ئالدىدا يىقىلساممۇ ئورنۇمدىن دەس تۇرۇشنى!
بەلكىم مەن مەس بولدۇم بىر كۈنى ئالدىڭدا
شۇڭا مەن پەس بولدۇم بىركۈنى ئالدىڭدا
خىرەلەشكەن كۆزۈم قارىدىم ئاسمانغا
بىر جۈپ قول ئاي نۇرى ئاستىدا
مەن يولۇقتۇم ھەر خىل ئادەمگە پۇتلاشتىم ھەر خىل قەدەمگە
قويۇلدى ھەسرىتىم رومكىغا ھاراق كۈلۈۋەتتىم مۇڭلۇق نەپەستە
ئالدى مەندىن تۇرمۇش قىساس ئۆچۈرۈپ ھەممىنى تىمتاس
تۆكۈلدى يامغۇر قاراڭغۇ ئاسماندىن بەلكىم ئەتىسى چىقمىسا قۇياش
چاقچاق قىلدى تۇرمۇش ھەممىگە
ئەخمەق قىلدى مۇھەببەت بەزىدە
ئاستا قەدەم تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقى
يازغان قەلەم تەقدىرنىڭ چاقچىقى
چاقچاق قىلدى تۇرمۇش ھەممىگە
ئەخمەق قىلدى مۇھەببەت بەزىدە
ئاستا قەدەم تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقى
يازغان قەلەم تەقدىرنىڭ چاقچىقى
P-S-N编辑于2024/02/07更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【TiLSiM】您也可能喜欢TA们的歌词…

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
不提供下载及不提供任何下载链接,档案仅作低品质试听,本站充分的认识到保护音乐版权的重要性;
由于音乐来自网友通过共享上传,本站未及一一审核,如有侵犯版权请及时电邮并出示版权证明,我们将在24小时内删除。