#21歌词
添加日期:2024-01-17 时长:02分01秒 歌手:$hine2Ladd1
作词 : $hine2Ladd1
作曲 : $hine2Ladd1
编曲:FFFive
封面:Nnnt
后期:Y-MSF
كۆزۈم قارىغۇ مەن كۆرەلمەيمەن ؟
ھېچنېمىنى بىلەلمەيمەن ؟
قىلىۋەرسەڭمۇ قىلغۇلقۇڭنى
مەن ئەيپىڭنى يىراممايمەن؟
ئادەم بولغان گۇناھ ئۆزۈمدىمۇ ؟
مەن ئايىغان كىشى مېنى ئايدىمۇ؟
يوقسۇزلارنىڭ قورسىقى تويغانمىدۇ ؟
دۇنيا ماڭا قەبىھ بىلىندىغۇ
مېنىڭمۇ تولۇن ئاينى كۆرگۈم بار
رەڭگارەڭ دۇنيانى سۆيگۇم بار
يۈرىكىمنى باشقىلارغا بەرگۈم بار ئەي
مىنىڭمۇ قىزىل گۆش يۇركۇم بار
ياخشى ئادەم كۆپ يېنىمدا يوق
ئىزدىدىم مۇھەببەتنى ئەتراپ تۇتۇق
نۇرغۇن ئادەملەرگە ئىشەندىم
ئۇلارنىڭ كۆزى ئوچۇق ئەمما دىلى يۇمۇق
يول قىسقا سەپەر ئۇزۇن .
مەنزىلىم نەدە بىلەلمىدىم ؟
تۇرمۇش سالدى ئېغىر زۇلۇم .
كۈلەي دەپ تىرىشتىم كۈلەلمىدىم .
قانغا بۇ يالغان قولۇم .
ھارغىنلىقتىن ئاغرىيدۇ يۇلۇن .
مەن دەيمەن دۇنيا ماڭا بولسۇن .
ئۇ دەيدۇ سەن پەقەت مېنىڭ قولۇم .
نۇرغۇن قېتىم ئېزىلدى دىلىم .
جىق سوزلەشكە بامايدۇ تىلىم .
ئۇسسۇزلۇقتىن قىرىلدى گېلىم .
سويگۇڭدىن بەر بىر يۇتۇم
ئۇنۇڭدىن ئارتۇق يوق تەلپىم
خۇددى مەن ساڭا ئەزەلدىن يېتىم
ئۆتۈنەي دۇنيا مېنى قويۇپ بەرگىن
خاتىرجەم ياشىغىلى قويغىن مېنى ئەركىن .
ئىچىمدىكىنى ھىچ كىمگە ئىيتماي ياشاپ كەپتىمەن
ھازىرغىچە
ئۆزۈم يالغۇز شەپەققە قاراپ خىيال سۈرۈپ قالىمەن كەچ كىرگۈچە
خۇشاللىق ماڭا ياراشمايدىكەن قىلىۋەتتىم ئۇنى تاغقا دەپنە .
جېنىم سېنىڭ كەيپىڭدە مەنمۇ بولدۇم ، قېرى بەنگە .
ماڭا كەچنى ئەتىگەن قىلماق تەس .
ئۇلار چۈشەنمەيدۇ دەيدۇ مېنى پەس .
ئۈزۈم يالغۇز ئۆتكەن كۈنلەر ماڭا نەس .
ئاخىرىدا باشقا ئەمەس دۇنيا قىلدى قەست
تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقى قىلدى مېنى مەس .
چۈشەندۈرىمە يېتەر بولدى بەس .
ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم دەس .
ئۆلسەممۇ باش ئەگمەيمەن جان تومۇرنى كەس .编辑于2024/01/17更新
更多>
喜欢【$hine2Ladd1】您也可能喜欢TA们的歌词…
Copyright @2011 - 2025 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
不提供下载及不提供任何下载链接,档案仅作低品质试听,本站充分的认识到保护音乐版权的重要性;
由于音乐来自网友通过共享上传,本站未及一一审核,如有侵犯版权请及时电邮并出示版权证明,我们将在24小时内删除。