dadam(父亲)歌词

添加日期:2024-01-13 时长:05分46秒 歌手:萨拉木

作词 : 萨拉木
作曲 : 萨拉木
编曲 : 萨拉木
ياتتىم بۈگۈن ئارمان بىلەن,
يىغلاپ قۇچاقلاپ قەبرىڭىز,
نادان چېغىم بىلمەپتىمەن,
ئەجەب ئۆتۈلدى قەدرىڭىز,
ھو دادام ئالتۇنۇم دادام,
زېمىستاندا چوغ يالقۇنۇم دادام,
بولسا ھايات كۆرسەم دېدىم,
مەڭزىگە بىر سۆيسەم دىدىم,
كەتمەندە قاتقان قوللىرىنى,
كۆزۈمگە بىر سۈرسەم دېدىم,
ھو دادام مېھمىنىم دادام,
تومۇزدا سايە سالقىنىم دادام,
خاماندا قاپتۇ ، ئارىڭىز,
ئېتىزدا سۆرەم ھارۋىڭىز,
سۇغا چىلاپ يەپ زاغرىنى,
بىزنىڭ بولۇپتۇ بارىڭىز,
بولسىمۇ تاغدەك جەۋرىڭىز,
بارئىدى چىدام سەۋرىڭىز,
چۆلەرنى بوستان ئەيلىگەن,
سىزنىڭ مېھنەت پاك تەرىڭىز,
ھو دادام تۈۋرۈكۈم دادام,
ھەر جايدا ھەمراھ يۆلۇكۇم دادام,
ھو دادام پالۋىنىم دادام,
دەردىمگە دەرمان ئارمىنىم دادام,
تۇۋرۈكۇم دادام ھۇرۇلۇكۇم دادام
ھەر جايدا ھەمراھ يۆلۇكۇم دادام,
بەزىلەرنىڭ ئانىسى ئۆلسە دادىسى باكەن
بەزىلەرنىڭ دادىسى ئۆلسە ئانىسى باكەن
مەن غىرىپ مۇساپىرنىڭ نىمىسى باكەن
ۋاي خەلىق مۇساپرىغا بۇجاھان تاركەن
ۋاي جاھان جىنىم دادام سۇلتانىم پالۋانىم
جىنىم جىنىم باغرىم
ئەمدى مەن قانداق قىلاي يۇرەكىم باغرىم
بەزىلەرنىڭ تاغىسى ئۆلسە ھاممىسى باكەن
بەزىلەرنىڭ ھاممىسى ئۆلسە تاغىسى باكەن
بەزىلەرنىڭ ئاكىسى ئۆلسە ئاچىسى باكەن
مەن غىرىپ مۇساپىرنىڭ نىمىسى باكەن
ۋاي خەلىق مۇساپرىغا بۇجاھان تاركەن
ۋاي جاھان جىنىم دادام سۇلتانىم پالۋانىم
ئەمدى مەن قانداق قىلاي يۇرەكىم باغرىم编辑于2024/01/13更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【萨拉木】您也可能喜欢TA们的歌词…

更多>

最新歌词

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1