My Heart Will Go On / 满舒克-My Heart Will Go On(遇见刚好 / JT-Jurat remix)歌词
添加日期:2024-01-07 时长:04分17秒 歌手:ELLIM
作词 : ELLIM/JT-Jurat
作曲 : 无
作曲:满舒克/Musik l
作词:ELLiM&JT-Jurat
ELLiM:
مەن سېنى سېغىندىم .
پەرىشتىدەك جامالىڭنى ، بۇلبۇل كەبى ئاۋازىڭنى .
مېنى تىللىشىڭنى سۈپۈرگە كۆتۈرۈپ قوغلىشىڭنى .
سەن ياققان نان ئەتكەن ئىسسىق تاماقنى .
سېنى ، بەك ، بەك بەك سېغىندىم .
نادانلىقتا قىلغانلىرىمغا بەك ئېچىندىم .
قايتىپ كەل ، ئانا يېنىمغا قايتىپ كەل .
سەنلا بولساڭ كېرەكسىز ماڭا توققۇزۇم تەل .
چۈشۈمدىمۇ كۆرمىدىم ، بەلكىم خالىمايدىغانسەن .
چۈشۈمدە بولساڭمۇ گەر ، ماڭا قەستەن قارىمايدىغانسەن .
ئانا دەپ چاقىرسام ، سېنى ئاۋازىم بوغۇق ئۈنۈم يوق .
بالام دېگىنىڭنى ئاڭلىۋالسام بولار ئىدى ، كۆڭلۈم توق .
ئانا گۈللىرىڭگە سۇ قۇيۇپ تۇرىۋاتىمەن .
سەن تىككەن ئۈجمە دەرىخىنى كۈندە نەچچە يوقلاۋاتىمەن .
سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈلنىڭ بىر تال شېخى قۇرۇپ قاپتۇ .
گۈللەرمۇ سېنى سېغىنغاندۇ ، پەرۋىشىڭ بىلەن ئېچىلغاندۇ .
باھار كەلگەندە ، سەنمۇ كەلگىن .
گۈللەر بىلەن مەنمۇ ئېچىلاي .
تومۇز ئىسسىقتا مۇزلاۋاتىمەن ، يوتقىنىڭدا مەنمۇ يېپىنماي .
يولۇمنى يورۇتقۇچى مەشئەل سەن ئۆچمە ھەرگىز بوران ئۇرسىمۇ
مەن ئوتۇڭدا پەرۋانە مەڭگۈ يېنىڭدا ئايلىناي .
تاپىنىڭ تەگكەن يەرگە بېشىمنى ئېگىپ سۆيگۈم بار .
ساڭا ۋارقىرىغان ئېغىزىمغا نەچچە مىڭ تەستەك سالغۇم بار .
ئاچچىقىمدا ئەقلىمنى يەپتىمەن ، سېنى مەڭگۈ كەتمەيدۇ دەپتىمەن .
مانا ئەمدى سەنسىز دۇنيا بولىۋاتىدۇ مەن ئۈچۈن تار .
سەن ماڭا يۆلەك ئىدىڭ ئائىلىمىزنىڭ يۈرىكى ئىدىڭ .
ھايات دېڭىزنىڭ بورانلىرىدا بىزگە تەۋرىمەس كۆۋرۈك ئىدىڭ .
قاتتى بېلىڭ بىزنى دەپ ئاقتى قېنىڭ .
ئۆمرۈمنى ئۆمرۈڭگە قوشقۇم بار توپىغا ئايلانسىمۇ تېنىم .
سېنى سېغىنسام ئاسماندىكى ئايغا تويماي تويماي قارايمەن .
سەن ئايغا ئوخشايتىڭ ئاي ساڭا ئوخشايتتى
ھەر قېتىم ئايغا قارىسام سېنى كۆرگەندەك بولىمەن .
ۋەدە بېرەي ئانا ساڭا مەن چۇقۇم زەپەر قۇچىمەن .
مەن چوڭ بولدۇم ئانا مەندىن چۇقۇم خاتىرجەم بول .
مەن ياخشى تۇرىۋاتىمەن قېرىنداشلىرىممۇ يامان ئەمەس .
سېنىڭ ئىسمىڭ سىڭىپ كەتكەن بىز ئېلىۋاتقان ھەر نەپەس .
سەن مەڭگۈ قەلبىمىزدە ئانىسى بارلارغا قىلمىدۇق ھەۋەس .
near far whenever you are
无论你离我多么遥远
i believe that the heart does go on 我相信我心同往
once more you open the door
你敲开我的心扉
and you're here in my heart
你融入我的心灵
and my heart will go on and on
我心与你同往,我心与你相依
JT-Jurat:
ئۆيدە نانمۇ قاتتى ئەمدى بىلىم قاتتى
سەندىن قاغان جاپانى ئوغلۇڭ مۈرىسىگە ئاتتى
ئاددى تاماق سۇغا چۆپنى تاشلاپ
ئەمدى ئەسلەپ قالىمە شۇ تامىقىمنى ماتىلاپ
تاتىلاپ قوياتتىڭ بېشىمنى يىنىككىدە
ياغنىمۇ ئىلغاپ تاشلاپ كىچىككىنە
تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرى قىيناپ مىنى
ئەمدى ئىلغايدىغان ئىسسىق تاماق قېنى
يۇمىغىلى نېكەم توپا باستى گېلەم
ھەمراھ ۋاقتىڭ دىگەن سۆزۈڭ ئېسىمدە ھېلىھەم
مانا مەن ئېزىپ كەتمەي يولدىن
ھامان بىركۈن تىرىشىپ بۇلاق قازىمە چۆلدىن
نۆلدىن باشلاندى ھاياتنىڭ كۈنلىرىمۇ
سىمايىڭ ھەمراھ ماڭا تۈنلىرىمۇ
خاتىرجەم بولغىن ئانا ئەسلەيمەنغۇ
مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدۈڭنى ئاقلايمەنغۇ
near far whenever you are
无论你离我多么遥远
i believe that the heart does go on 我相信我心同往
once more you open the door
你敲开我的心扉
and you're here in my heart
你融入我的心灵
and my heart will go on and on
我心与你同往,我心与你相依编辑于2024/01/07更新
更多>
喜欢【ELLIM】您也可能喜欢TA们的歌词…
Copyright @2011 - 2025 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
不提供下载及不提供任何下载链接,档案仅作低品质试听,本站充分的认识到保护音乐版权的重要性;
由于音乐来自网友通过共享上传,本站未及一一审核,如有侵犯版权请及时电邮并出示版权证明,我们将在24小时内删除。