Minos Hayat歌词

添加日期:2023-12-29 时长:02分35秒 歌手:Mirzat

作词 : Mirzat
作曲 : Mirzat
编曲 : Mirzat
بۈگۈن كېچە نېمە ئۈچۈن تىڭشىغۇچنى قۇلاققا ئاستىڭ
يول چىراغلىرى ئۆچۈپ بولغىچە كۆزدە ئۇيقۇ يوق ياتتىڭ
يۇلتۇز بىلەن ئايغا قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىڭ
ئەتىنىڭ كېلىشىگە تەلمۈرىمەن دەپ تاماكاڭنى ئاچچىق تاتتىڭ
قانداق داۋالايسەن بۇرۇنقى ئاشۇ يارىنى
پۇلدىن باشقا نەرسىنىڭ قالمىدى ھېچ بىر تايىنى
كىشىلىك مۇناسىۋەتنى دەپ ئاتايسەن ئۆزۈڭدە بارىنى
چۈشەنمەيدۇ ئەكسىچە چاپلايدۇ ساڭا قارىنى
نېمە ئۈچۈن بىر ناخشىنى قايتا قايتا ئاڭلايسەن
ساڭا يامانلىق قىلغانلاردىن نېمىشقا ئۆزۈڭنى تارتمايسەن
باتنايسەن يەنىلا دەردىگە دەردىڭنى قاتمايسەن
چاتمايسەن غەيۋەتلەرگە ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئالدايسەن
ئويلىغانلىرىڭنى ئىپادىلەشكە ئىقتىدارىڭ يېتىدۇ
لېكىن يەنىلا بەزىدە سۈكۈت قىلىشنى تاللايسەن
كەڭ قورساقلىق ياخشى لېكىن ئۇنۇتما ئۆزۈڭنى قەدىرلە
كەمچىللىكنى قوبۇل قىل يۈزسىزلىكنى كەچۈرمە
جاندىن ئەزىز كۆرگەنلىرىڭ دائىم ساڭا خىيانەتتە
يۈز ئۆرۈش دېگەن ئۇلار ئۈچۈن سەن ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە
ئەمما دەيسەن ھېچقىسى يوق چاندۇرمىغان قىياپەتتە
كېچىسى قولۇڭدا رومكا يالغۇز كىشىلىك زىياپەتتە
ئەتراپىڭدا نۇرغۇن ئىدى نىقاپ ئاسقان تۈلكىلەر
تىرىشىشقا سەۋەب ئىدى مەسخىرە ئارىلاش كۈلكىلەر
چەتكە تارتسا ئۆزىنى سەن ئىزدىمىگەن ئەيىب بولىدۇ
پىسەنت قىلما قىزارتسا كۆزىنى روھىيتىڭ زەئىپ بولىدۇ
تۆت بەش دوستۇڭ ئارىسىدا ئاۋازغا ئاۋازنى قاتىتىڭ
ئەمما ئۇلاردىن ئىنكاس يوق تېلېفونغا قاراپ قاتىتىڭ
كاللا ئوينىغان يېقىنغىمۇ مېھرىڭ بىلەن باقىتىڭ
ساختا مېھىر يالغان كۈلكىگە قاچان توشار تاقىتىڭ
ئۇلار ئۈچۈن بولسا بولمىساڭ كېچە كېچە بولىۋېرىدۇ
ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىگە شەبنەم ئاق سۆيۈشتەك تولىۋېرىدۇ
ساڭا مەنسۇپ بولمىغان كۈلكە لەۋلىرىڭدىن ئۆچۈۋېرىدۇ
يىغلىساڭمۇ بەرىبىر ھەممە سەندىن تىمتاس تېنىۋېرىدۇ
جاندىن ئەزىز كۆرگەنلىرىڭ دائىم ساڭا خىيانەتتە
يۈز ئۆرۈش دېگەن ئۇلار ئۈچۈن سەن ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە
ئەمما دەيسەن ھېچقىسى يوق چاندۇرمىغان قىياپەتتە
كېچىسى قولۇڭدا رومكا يالغۇز كىشىلىك زىياپەتتە
بۈگۈن كېچە نېمە ئۈچۈن تىڭشىغۇچنى قۇلاققا ئاستىڭ
يول چىراغلىرى ئۆچۈپ بولغىچە كۆزدە ئۇيقۇ يوق ياتتىڭ
يۇلتۇز بىلەن ئايغا قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىڭ
ئەتىنىڭ كېلىشىگە تەلمۈرىمەن دەپ تاماكاڭنى ئاچچىق تارتتىڭ编辑于2023/12/29更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【Mirzat】您也可能喜欢TA们的歌词…

更多>

最新歌词

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1