Meshrep nawasi歌词

添加日期:2023-12-23 时长:04分01秒 歌手:Ablajan Awut Ayup

بۈگۈن بىزگە قۇتلۇق كۈن
تەشنا بولۇپ كۈتكەن كۈن
مۇبارەك
راسلاپ سورۇن ساھىپخان
ھەر ياقتىن كېلىپ مېھمان
تىلەك تىلەپ
خولۇم خوشنا قېرىنداش
ئۇرۇق تۇغقان كەسىپداش
دوست ئاداش
كەلدى بەس بەستە يېتىپ
ئوتلۇق سالاملار ئېيتىپ
ئالدىراش
مەرھابا مېھمان كەپسىز خويمۇ ئوبدان
بۈگۈن دىدار غەنىمەت
يۈز كۆرۈشكەن كۈندە بولسۇن ھەمراھ بىزگە
كۈلكە شاتلىق ۋە ئامەت
نەغمە ناۋا باشلاپ غۇلاچلار تاشلاپ
چۈشۈڭ ئۇسۇل ساماغا
كۆڭۈللەر كۈلسۇن گۈلگە تولسۇن
مەشرەپ سەيناسى
بېرىپ شاتلىق بىزگە يەتسۇن پەلەك كۆككە
نەغمە ناۋاسى
مەشرەپ سەيناسى
بېرىپ شاتلىق بىزگە يەتسۇن پەلەك كۆككە
نەغمە ناۋاسى
ھەر ياقتا ياڭرار كۈلكە
خۇشاللىق قىلار جىلۋە سالغىن نەزەر
مەشرەپ بىزگە بىر مەكتەپ
ئۆگىتىدۇ ئەدەپ ئەخلاق دىللار كۈلەر
مەشرەپ ئۇ بىر چوڭ سەينا
تەلىم بېرەر ساڭا ماڭا بارچىگە
ئۆگىتەر بىزگە پەزىلەت
ئۇندىن تاپىمىز ئىززەت ئالەمچە
مەرھابا مېھمان كەپسىز خويمۇ ئوبدان
بۈگۈن دىدار غەنىمەت
يۈز كۆرۈشكەن كۈندە بولسۇن ھەمراھ بىزگە
كۈلكە شاتلىق ۋە ئامەت
نەغمە ناۋا باشلاپ غۇلاچلار تاشلاپ
چۈشۈڭ ئۇسۇل ساماغا
تازا ئويناڭ بىر پەس دەسسەپ مەزمۇت چەبدەس
قىلايلى بەزمە راسا
كۆڭۈللەر كۈلسۇن گۈلگە تولسۇن
مەشرەپ سەيناسى
نەغمە ناۋاسى
كۆڭۈللەر كۈلسۇن گۈلگە تولسۇن
مەشرەپ سەيناسى
مەشرەپ سەيناسى
بېرىپ شاتلىق بىزگە يەتسۇن پەلەك كۆككە
نەغمە ناۋاسى
كۆڭۈللەر كۈلسۇن گۈلگە تولسۇن
بېرىپ شاتلىق بىزگە يەتسۇن پەلەك كۆككە
نەغمە ناۋاسى编辑于2023/12/23更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【Ablajan Awut Ayup】您也可能喜欢TA们的歌词…

Copyright @2011 - 2025 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
不提供下载及不提供任何下载链接,档案仅作低品质试听,本站充分的认识到保护音乐版权的重要性;
由于音乐来自网友通过共享上传,本站未及一一审核,如有侵犯版权请及时电邮并出示版权证明,我们将在24小时内删除。