WisaL Koxiki歌词

添加日期:2023-12-21 时长:06分01秒 歌手:Abduhelil Abdugeni

作词 : Abduhelil Abdugeni
作曲 : Abduhelil Abdugeni
ۋىسال قوشىقى
يارىم قۇناق ئۇتاپتۇ
كۈز پەسلى قۇناقلىقتا
ئىڭىكىدىن چىگىۋاپتۇ
ئانارگۈللۈك ياغلىقتا
بۈگۈن كىچە سىنى چۈشەپ
ئىچىمدە مىڭ پارە ئوت بار
مۇھەببەت ئىشقىدا كۆيگەن
مىنىڭ ئەمگەكچى يارىم با
ئاق ئالمامنىڭ گۈلى ئاق
ساناپ باقسام بىرى تاق
تۇتاي دەيمەن قىزىل گۈل
سۆيگەن يارىم خۇش چاقچاق
زەر ئالاي زەنجىر ئالاي
ئالتۇندىن زەنجىر ئالاي
نىگارىم سالدى بۇ كويغا
ئەمدى مەن قانداق قىلاي
ئىكىنچى ئۆزگىرىش
ھويلاڭدىكى ئۈجمەڭنىڭ
بىر شىخى راۋاپ بولدى
سەن يارىمنىڭ دەدىدە
يۈرىكىم كاۋاپ بولدى
سەنمۇ ئىيتقىن دەدىڭنى
مەنمۇ ئىيتاي دەدىمنى
بىرمەلىدە چوڭ بولۇپ
بىلمەپتىمەن قەدرىڭنى
راۋابىمنىڭ تارىسىنى چوقىۋالدى تۇمۇچۇق كەلگىن يارىم ئوينايلى
سىز چىرايلىق بىز ئوچۇق
ھويلاڭدىكى ئۈجمەڭنى ئىلمەكتە ئىلىپ يەيمەن
كۆڭلۈمگە ئازار بەرمە ئۆزۈم ئىشلەپ تىپىپ يەيمەن
راۋابىمنىڭ تارىسىنى چوقىۋالدى تۇمۇچۇق كەلگىن يارىم ئوينايلى
سىز چىرايلىق بىز ئوچۇق
ئۈچىنچى ئۆزگىرىش
ئۆيۈمنىڭ ئارقىسى قوناق
بورانلار قايرىۋەتكەيمۇ
ئەزەلدىن تەلىيىم شۇنداق
بەخىتنى ئايرىۋەتكەيمۇ
ئوي كەل ئوينايلى باغلادا
بۇ كۆڭۈللۈك چاغلادا编辑于2023/12/21更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【Abduhelil Abdugeni】您也可能喜欢TA们的歌词…

更多>

最新歌词

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1