Bizning Naxshimiz歌词
添加日期:2023-12-19 时长:05分28秒 歌手:Sanubar Tursun
作词 : Talat Nasir
作曲 : Ablikim Abdulla
كېزەر ناخشىمىز ھەر ياننى،
ساداسى يايرىتىپ جاننى.
جۆر بولۇپ كاككۇك بۇلبۇللار،
قىزىتقاي باغۇ- بوستاننى.
بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ،
چالغان سازىمىز سايرايدۇ.
ئېيتقان ناخشىمىز كۆڭۈل سۆزى،
ئەل زوقى بىلەن ئاڭلايدۇ .
قېنى دوستۇم سۈرۈپ دەۋران،
جاھانغا ياڭرات ناخشاڭنى.
سەھەر ئاشىناسى قۇشلاردەك،
پىغان ئەت دىلدا ئارماننى.
بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ،
چالغان سازىمىز سايرايدۇ.
ئېيتقان ناخشىمىز كۆڭۈل سۆزى،
ئەڭ زوقى بىلەن ئاڭلايدۇ .
يۈرەك ئۇرغۇتسا شادلىقنى،
كۈلەر ئورمان چىمەنزارلار،
كىشى ناخشىنى ئېيتقاندا،
كېلەر ئەسكە گۈزەل چاغلار.编辑于2023/12/19更新
更多>
喜欢【Sanubar Tursun】您也可能喜欢TA们的歌词…
Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1