Rayhan歌词

添加日期:2023-12-18 时长:06分31秒 歌手:Shohret-Yasin

作词 : Rahmanjan Awut Ozhal
作曲 : Shohret-Yasin
ھىلال ئاي زوقۇمنى قوزغايدۇ كۆكتە
ئۆرتەيدۇ قەلبىمدە ئالەمچە پىغان
ئامالسىز ياشايمەن سۇكۇت ئىچىدە
قىينايدۇ جىنىمنى بىربۇيۇك ئارمان
شائىرلار بۇلبۇلدەپ كۇيلەر قۇشلارنى
ئۆمرۇمدە مەن بۇلبۇل كۆرۇپ باقمىغان
ھەسرىتىم شادلىققا ئايلىنارمىكىن
بېغىڭدا قۇش بولۇپ سايرىسام رەيھان
دۇنيانى ئەسلىدە پايانسىز دەيتىم
ئويلىسام ئاشىققا تارئىكەن جاھان
ئەسلىمە بولۇپ قالغان قىلىقلىرىڭنى
سېغىنىش ئىچىدە ئۆرتىنەر بۇجان
تۇنلەردە قۇچاقلاپ يىغلايدۇ ھىجران
كىملەرئۇ ۋەدىنى كىملەرگە ساتقان
يۇرۇكۇم گۈل كەبى ئېچىلارمىكىن
بېغىڭدا قۇش بولۇپ سايرىسام رەيھان
قىياغا باقىمەن مىڭ بىر خىيالدا
بۇلاقنىڭ سېھىرلىك كۇيى ئىچىدە
غېرىبلىق چىرمىغان نازۇك كۆڭلۇمنى
جىمجىتلىق ئوۋلايدۇ ئۇيقۇسىز تۇندە
بىرسازمەن مۇڭ بىلەن ئاۋازى پۇتكەن
ئاشىقنىڭ دۇنيادىن مېھرىنى كۈتكەن
ھاياتتىن بىرمەنا تىپىلارمىكىن
بېغىڭدا قۇش بولۇپ سايرىسام رەيھان
تۇرنىلار سامادا چالار سازىنى
بىلمىدىم ھاياتنىڭ قىش ھەم يازىنى
غەشلىكتە ھاياتتىن كىلىمەن ياشاپ
ئۇزۇلمەي ئىشىقنىڭ نازۇك تارىنى
رازىتىم سەن ئۇچۇن قۇش بولۇپ سايراپ
چېھرىڭگە زاربولۇپ كۈنلۇرۇم خاراپ
بۇكۆڭلۇم بىرمەرتە ئېچىلارمىكىن
بېغىڭدا قۇش بولۇپ سايرىسام رەيھان
رەيھان . . . رەيھان. . . رەيھان. . .编辑于2023/12/18更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【Shohret-Yasin】您也可能喜欢TA们的歌词…

Copyright @2011 - 2025 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
不提供下载及不提供任何下载链接,档案仅作低品质试听,本站充分的认识到保护音乐版权的重要性;
由于音乐来自网友通过共享上传,本站未及一一审核,如有侵犯版权请及时电邮并出示版权证明,我们将在24小时内删除。