Dil Diyan Gallan歌词

添加日期:2023-12-16 时长:04分21秒 歌手:Atif Aslam

گەر باغلىسام، باغلىسام ئارغامچا بىلەن
سەن بىلەن مېنى
سۆيگۈ رىشتىمىز، رىشتىمىز شۇنچىلىك چىڭكى
يوقتۇر ئۇنىڭ پاسىلى
نارازىلىقىڭ پەقەتلا ئەركىلىشىڭ سېنىڭ
ئاڭلىغىن ئەي يارىم، ئاڭلىغىن مېنى
دىلىمغا سىرداش بول
بېقىشايلى، سىردىشايلى بىز
كۆزلىرىمىز پىچىرلاشسۇن قېنىپ-قېنىپ
دىلىمغا سىرداش بول
پىچىرلىشايلى ھەركۈنى شۇنداق
بولغاي بۇ مۇھەببەت ئەبەدىلئەبەد
نە ئۈچۈن قېينايسەن مېنى
نە ئۈچۈن ئالدايسەن مېنى
ۋە نە ئۈچۈن يالغاندىن خاپا بولۇۋالىسەن
دىلىمغا سىرداش بول
بېقىشايلى، سىردىشايلى بىز
كۆزلىرىمىز پىچىرلاشسۇن قېنىپ-قېنىپ
... مۇزىكا ...
يوشۇرىمەن يامان كۆزلەردىن سېنى ھەرقاچان
زىننەتلەيمەن رەڭگىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ھەردەم
مېنى ئۆزۈڭ دەپ بىلگىن
پەقەت ۋە پەقەت سەن ئۈچۈن، ئەي يار
سېنىڭسىز ياشاشقا يوقتۇر تاقىتىم
يوشۇرىمەن يامان كۆزلەردىن سېنى ھەرقاچان
زىننەتلەيمەن رەڭگىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ھەردەم
مېنى ئۆزۈڭ دەپ بىلگىن
پەقەت ۋە پەقەت سەن ئۈچۈن، ئەي يار
سېنىڭسىز ياشاشقا يوقتۇر تاقىتىم
گەر خالىساڭ بۇ جېنىم سېنىڭ بولسۇن
جېنىم ساڭا تەسەددۇق بولسۇن
سېنىڭكى ھەم مېنىڭكى بولسۇن
ئېيتقىن نازلىرىڭ زادى كىم ئۈچۈن
دىلىمغا سىرداش بول
بېقىشايلى، سىردىشايلى بىز
كۆزلىرىمىز پىچىرلاشسۇن قېنىپ-قېنىپ
دىلىمغا سىرداش بول...
ئاشۇ قاراڭغۇ كىچىدە
ئاسمىنىم تولغاندۇر بۇلۇتلارغا
مېنىڭ سۆيۈملۈك يارىم
چىڭ قۇچاقلىدى مېنى
سېنىڭسىز رەڭسىزدۇر مېنىڭ ئاسمىنىم
سېنىڭسىز ئەمەلگە ئاشماس مېنىڭ ئارزۇلىرىم
دىلىمغا سىرداش بول
بېقىشايلى، سىردىشايلى بىز
كۆزلىرىمىز پىچىرلاشسۇن قېنىپ-قېنىپ
نە ئۈچۈن قېينايسەن مېنى
نە ئۈچۈن ئالدايسەن مېنى
ۋە نە ئۈچۈن يالغاندىن خاپا بولۇۋالىسەن
دىلىمغا سىرداش بول
پىچىرلىشايلى ھەركۈنى شۇنداق
بولغاي بۇ مۇھەببەت ئەبەدىلئەبەد
دىلىمغا سىرداش بول...
(مەزكۇر تەرجىمە شەخىسنىڭ قىزىقىشى بويىچە قىلىندى. ئەسلى تىلغا ھۆرمەت قىلىمىز!)编辑于2023/12/16更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【Atif Aslam】您也可能喜欢TA们的歌词…

更多>

最新歌词

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1