Dihan歌词

添加日期:2023-12-16 时长:04分13秒 歌手:Mamattursun-Barat

作词 : Abdurehim sahrayi
作曲 : Mamattursun-Barat
دىھقان
تىكىستى:ئابدۇرېھىم سەھرايى
مۇزىكىسى:مەمەتتۇرسۇن بارات
ھەققىڭ تولا جانۇ، جاھاندا،
باغلار گۇۋاھ ئەجرىڭگە دىھقان.
باش ئۇرساقمۇ ئاياقلىرىڭغا،
ئازلىق قىلۇر قەدرىڭگە دىھقان.
كۆز تەگمىسۇن قامەتلىرىڭگە،
تاغ يۆتكىلەر يەلكەڭدە دىھقان.
ھاجەتلەرگە قۇچاقلىرىڭ كەڭ،
ئالەم كۇلەر كۇلكەڭدە دىھقان.
چەشلىرىڭنى، سامانلىرىڭنى،
ئالتۇن دىسەم ئەرزىيدۇ دىھقان.
يەر ئىشقىدا كۆيگەنلىرىڭنى،
يالقۇن دىسەم ئەرزىيدۇ دىھقان.
ئالقانلىرىڭ تۇپراق پۇرايدۇ،
تىنىقىڭنى گۇل دەيمۇ دىھقان. پىشاينەڭدىن تۆككەنلىرىڭدە،
چۆل-باياۋان كۆكلەيدۇ دىھقان.
ئىتىزلاردا ئۇزاتتىڭ تالاي،
سەھەرلەنى ئاخشامنى دىھقان.
شۇ جاپايىڭ- ھاردۇقلىرىڭغا،
سوۋغا قىلدىم ناخشامنى دىھقان.编辑于2023/12/16更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【Mamattursun-Barat】您也可能喜欢TA们的歌词…

更多>

最新歌词

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1