Ber Qolungni歌词

添加日期:2023-12-15 时长:03分09秒 歌手:SRSM

作词 : SRSM
作曲 : SRSM
ئىختىيارسىز كۆزۈم چۈشتى ، نۇرلۇق ئويناق شەھلا كۆزگە .
​ قاراپ ھۆسۈن جامالىڭغا ، ئاغزىم كەلمەي ، ھېچ بىر سۆزگە .
ئاي پەرىدەك سىمايىڭدىن ئېلىپ قاچۇردۇم ئۆزۈمنى
​ پەرۋاسىزدەك تۇرساممۇ گەر ئەسىر قىلدىڭ كۆزۈمنى .
ئالتۇن ياپراق كۈز پەسلى كېلىپ كۆرگۈم سېنى تۇنجى رەت .
كۆڭلۈمدە ئارمان مەكتۇپ يېزىش دەپتەرگە ئېلىپ نۇرغۇن خەت .
ئۇچراپ ساڭا يوقاتقىنىم يوق تاپالماسمەن ئاقتۇرۇپ
​ بەر قولۇڭنى ئىشەن ، ماڭا قىلىسەن ، مېنى ياقتۇرۇپ .
يالغان ئاسى نىرى كەتسە قول قوللارغا گىرەلەشسە
تىكىلگەن شۇ يامان كۆزلەر كېتىپ يىراق خىرەلەشسە
كاللامدا رېئال چۈشۈمدە خىيال يېقىنلاشتىم مەن ساڭا .
قەلبىمدە بىر سەن تاپالماسمەن ، گەر كەزسەم ئالەم ئارا .
قولۇمنى تۇتۇپ باشلاپ يېڭى ئۇنتۇپ كەتكىن ئۆتمۈشنى .
كۈتمەكتە چېچەك قاپلىغان يول ،كەل قۇرايلى تۇرمۇشنى .
قورقۇتىۋەتتى مەسۇلىيەتسىز مۇھەببەت دېگەن ئۇقۇمدىن
ئېرىشتۈرىمەن ئىشەنچكە قايتا ئەركەك دېگەن ئۇدۇمدىن .
كىرىپ قالساڭ چۈشلىرىمگە كەيپيات روھلۇق ھەر كۈنىم .
تارايدۇ مېھرى تومۇر قانغا ، ياڭراق چىقار ھەر ئۈنۈم .
سەن گوياكى كىچىك غۇنچە توسۇپ يامغۇر بوراندىن .
مۇھەببەتتىن سۇغرىپ سېنى باسماي مەينەت توزاندىن .编辑于2023/12/15更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【SRSM】您也可能喜欢TA们的歌词…

更多>

最新歌词

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1