Hekayam歌词
添加日期:2023-12-13 时长:03分19秒 歌手:Teshwish
作词 : Teshwish
作曲 : Teshwish
بۇ مېنىڭ ھېكايەم ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان
بۇ مېنىڭ ھېكايەم باشقىلار ئىشەنمەيدىغان
ھەممە نەرسىدىن ئۈمۈد ئۈزۈپ ، ئۈمۈدسىز ياشاۋاتسام
پەقەت مۇشۇ رەپ كۈچ بېرىپ ماڭا ئۆزۈڭگە ئىشەن دەيدىغان
Verse1
2014 9 - ئاي ، يۈركۈمگە ئويۇلۇپ كەتكەن تامغا
تىلىم بىلەن دىلىم ئوتتۇرسىدا، قېلىن كەتكەن ،پاسىل تام با ،
سۆزۈمنى باشلايمەن، قەھىرىتاندەك ئۆتكەن ئاشۇ كۈزدىن ،
خۇشاللىق يوق بۇ ئائىلىدە ، ھاياتتىن ئۈمۈدنى ئۈزدىم ،
ئېسىمدە شۇ ۋاقىتتا ئۆيۈمدە، ئۇرۇش جېدەل نەچچە قېتىم
مېنىڭ ھېكايەم بولۇپ چىقتى زەنجىر ئېيتقان (تىرىك يىتىم) ،
تولۇق بىرگە چىقتىم ،بولۇپ كەتتىم خىيالچان دەتمەن ،
ئويلاپ قالاتتىم بولۇپ قالارمۇ كېينكى ھاياتىم (سوۋغاتلىق كەتمەن).
تولۇق ئىككىدىن باشلاندى ، كەيپىياتىمنى رەپ تەڭشەيدۇ ،
ھەممە ئىشقا ئۈمۈدۋار بولدۇم ،ھاياتىمنى قايتا تەڭشەيمۇ ،
سۆزلەپلا ئولتۇرىمەن ئۆي ۋە مەكتەپ، ھەتتاكى تالا ،
چۈشەنمىگەنلەر مازاق قىلدى ،ساراڭ بولۇپ قالدىمۇ ماۋۇ بالا ،
شەپكەڭ قېنى ،زەنجىرىڭچۇ ، رەپچىگە خاس كېيىنمەپسە ،
نۇرغۇن سۆزلەر ئاڭلاپ كەلدىم ،ئىشقىلىپ ئارقىمدا گەپ بەك تولا ،
مۇشۇ رەپ كۆرسىتىپ بەردى ، ئارزۇيۇمدىكى چوڭ قۇرۇلۇشنى ،
تېڭىرقاپ تۇرغىنىمدا ، بىلمىگەندە قايسىغا بۇرۇلۇشنى ،
يېقىن كۆرگەنلەرمۇ دېدى ،رەپچىمىش مۇشۇ ھالىغا ،
مەيلى نەگىلا باراي يېنىمدا ،قەلەم دەپتەر بارى با ،
ئويلىغان كۆرگەن ھېس قىلغاننى، يېزىپ كەلدىم خاتىرەمگە،
ھەتتاكى يانماي يازدىم رەپنى ،ئالىي مەكتەپ سۇئالىغا ،
Verse2
چاقىرىقنى ئۆزۈم ئالدىم ،گەرچە بولىمىسمۇ ئويلىغاندەك ،
كۆپلەر دېدى تەلىيى كەپتۇ ،خۇددىي مەن 3 يىل ئوينىغاندەك ،
كەتتىم نەچچە قېتىملاپ، ھايات يولۇمدىن ئەگىلىپ،
ئەسلىمەي دەپ ئەسلىنىپ كەتتى، ئوڭىشسىزلىقلار تەگىلىپ.
ئۇنتۇپ كەتتى مېنى كۆپلەر ،ئەمما ھەممىسى ئېسىمدە با،
ئۇنتۇپ كەتتىم ئازاپنى دېدىم ،ئەمما ياستۇقتىكى يېشىمدا با ،
ئوغۇل بالا ياش تۆكمەيدۇ ،كۆپ ۋاقىت چىشىمنى چىشلەپ كەلدىم ،
ھەقىقىي ئۆزۈڭنى تاپالايدىكەنسەن، تۇرمۇش بەرگەن بېسىمدىلا ،
ئېرىشىپ يوقۇتۇپ ياشاپ كەلدىم ،ھازىرغچە 19 يىل ،
چوڭ بولغاننىڭ ئىپادىسى بەلكىم ،كاللامدىكى خىيال 19 خىل ،
ئەركىن بولغۇم بار دېدى ،قىيماي تۇرۇپمۇ ،توسۋالمىدىم يولىنى،
بىلمىدىم ھازىر ئەركىنمۇ ئۇ ،دوستۇم تۇتۇپتۇ ئۇنىڭكى قولىنى ،
پۇلنى غەجلەپ بەرسەم، دوسلىقىمىز ئۈزۈلمگەن ،
ئايرىۋالدىم راس يالغاننى ،ھەقىقىي دوسلۇق تېخى سۈزۈلمىگەن .
مەيلى قانداق بولسۇن نەتىجە، قان بىلەن كىرگەن خۇيۇم با .
ئەمدى پەقەتلا سۆيىمەن دەيمەن ،جۈپتۈمگىلا تويۇمدا .
HOOK :
بۇ مېنىڭ ھېكايەم ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان
بۇ مېنىڭ ھېكايەم باشقىلار ئىشەنمەيدىغان
ھەممە نەرسىدىن ئۈمۈد ئۈزۈپ ، ئۈمۈدسىز ياشاۋاتسام
پەقەت مۇشۇ رەپ كۈچ بېرىپ ماڭا ئۆزۈڭگە ئىشەن دەيدىغان编辑于2023/12/13更新
更多>
喜欢【Teshwish】您也可能喜欢TA们的歌词…
Copyright @2011 - 2025 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
不提供下载及不提供任何下载链接,档案仅作低品质试听,本站充分的认识到保护音乐版权的重要性;
由于音乐来自网友通过共享上传,本站未及一一审核,如有侵犯版权请及时电邮并出示版权证明,我们将在24小时内删除。