Belkim歌词

添加日期:2023-12-10 时长:03分38秒 歌手:Teshwish

作词 : Teshwish
作曲 : 雍和
ئۇيقۇ يوق بۇ تىمتاس كەچتە ، يەنىلا ئوخشاش تۈنەۋاتىمەن ،
يېقىنلىرىمدىن ئايرىمىسۇن دەپ كۈندە كەچتە تىلەۋاتىمەن ،
يىراقتىكى ماڭا،  ناتۇنۇش بولغان بەخىت ئۈچۈن،
مەنمۇ ساڭا ئوخشاشلا  بۇرادەر،  ئارزۇ پىچىقىمنى بىلەۋاتىمەن
ۋاز كەچمىدىڭ  بەلكىم سەنمۇ ،ھەممىسى پەقەتلا سىناق دەپ
ناتۇنۇش نۇرغا ئەگىشىپ كەتتىڭ ،كەلگۈسىگە بولدۇ چىراق دەپ .
ئارزۇ يولۇم يىراق دەپ ، ئاقىۋىتى كۆڭلۈڭگە ئايان،
ۋاز كەچمىدىڭ  چۈشەندۈرۈپ،ئەمما لېكىن بىراق دەپ
تاما تاما كۆل بولىدۇ دەپ  ئىشىنىپ كەلدىڭ تامچىغا
دېمىگەن ھېچكىم بەخىتنىڭ كەينىدە ،ئازاپلىق بىر قامچا با
شۇنداق بولسىمۇ ئىنتىلۋاتسەن ،  بۇ پەقەتلا سىناققۇ دەپ
يەنىلا ئارقىڭغا يانماي دېدىڭ،   بەخىت  يامغۇرى  تامچىلا
بەلكىم يېقىنلىرىڭ تاشلاپ كەتتى  ،سەن ئۇرلارنى ئۆز  دەپ بىلەتتىڭ
چىقىرىپ باقمىدىڭ ئازاپنى سىرتقا ،چۈنكى سەن دائىم ساختا كۈلەتتىڭ
راس يالغانلىقنى ئايرىپ بولالماي ، روشەن كۆزۈڭ كور بولۇپ كەتتى
كۆز ياش ئارقىلىق ئازابىڭنى، پەقەتلا ياستۇقۇڭغا سۆزلەپ بېرەتتىڭ
دائىملا ئېغىزدىن چۈشۈرمەيتىڭ، دەيتىڭ ئەركەك لەۋزىدە تۇرىدۇ
بەلكىم جەمىئەت ئىھتىياجى دېدىڭ ، ھازىر دەيسە مۇھىمى پۇلغۇ
تەشەببۇس كۆپ  ،ئەر ئاياللار باراۋەر دەپ بۇ زاماندا
بەلكىم پۇلغا قۇل  بولغاننىڭ  ھەممىسى  ھازىر تۇلدۇ
بەلكىم ئاشىقىڭ پەرىشتىدۇ ، بەلكىم خۇشاللىق بەرگەندە
بەلكىم يېنىڭدا ھېچكىم يوق  ،قىيىنچىلىق قىستاپ كەلگەندە
بەلكىم ئاتاڭ  قېرىپ كەتتى شۇڭلاشقا دەيسە يۈك بولۇپ قالدى
ئاناڭ تەلەپ قىلىپ باقمىغان مىننەت،  ئانا سۈتىنى ساڭا بەرگەندە
بەلكىم چۈشۈڭدە سەن پەرھات ،كۆڭلۈڭدىكى قىز شېرىن بولغان
چۈش كۆرمىدىڭ بەلكىم بۈگۈن ،شۇڭلاشقا كۆڭلۈڭ يېرىم بولغان
ئېغىزدا ئېغىر ۋەدىلىرى ،خۇددىي سەلكىن شامالغا ئوخشاش
ھازىرقى مۇھاببەت سودا ئۈچۈن ،پەقەتلا ئېلىم - بېرىم بولغان
دۇنيا ئاڭلا سۆزلىرىمنى  ساڭا دەيدىغان ئەرزىم با
بەلكىم كۆپتۇ ،ئاتا قىلغىنىڭ،  شۇڭا دەيسەن ماڭا قەرزىڭ با
دوسلۇق،  مۇھاببەت، ساداقەت، ئىشەنىچ ھېچقايسىدىن ۋاپا كەلمىدى .
ئاخىردا خاتا چىقتى مېنىڭ ، قىلغان بارلىق پەرىزىمما
ئازاپنى ياراتتىڭ مەيلى  ، نېمىشقا بەخىتنى تارتىۋالدۇ
نېمىشقا ئازاپ بىلەن كۆڭۈلسىزلىكنى ياخشى كىشلەر ئارتىۋالدۇ
ۋاپاسىزلىق كېلىپ كېتىدۇ  ،بۇنى ماڭا ئەمدى سىناق دېمە
نېمىشقا نەپرەت ئۈستۈن ، مۇھاببەتنىڭ  تېزلا پۇتى تالىدۇ
ئاڭلا ھايات ماڭا ئاتا قىلغان ، مۇھاببەتلىك دۇنيا مۇشۇما
ئايرىمسۇن ئاتا -ئانامدىن، تىلەيدىغىنىم پەقەت مۇشۇلا
مال دۇنيا ،نام ئابروي ھېچقايسىدىن تامايىم يوق
تەغدىر ئۆتۈنەي ھاياتقا دېگەن ،مۇشۇ تەلىپىمگىمۇ بولسا قوشۇلا
Hook:
دۇنيا سۆزۈمگە جاۋاپ قايتۇر ،مېنى ئۆزۈڭگە  باق دېمە ،
قاراڭغۇ بۇ دۇنيانى ،بول ئەمدى ئاق دېمە ،
ئەخلاق ھايا يوقۇلۇپ كەتتى  ،ۋىجدان،  غۇرۇر ھاسىغا چۈشتى ،
قايتۇرۇپ بەرگىن مۇھاببەتنى ،ئۆتۈنەي ماڭا ياق دېمە،،
2x编辑于2023/12/10更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【Teshwish】您也可能喜欢TA们的歌词…

Copyright @2011 - 2025 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
不提供下载及不提供任何下载链接,档案仅作低品质试听,本站充分的认识到保护音乐版权的重要性;
由于音乐来自网友通过共享上传,本站未及一一审核,如有侵犯版权请及时电邮并出示版权证明,我们将在24小时内删除。