akma yeshim(翻自 furino)歌词

添加日期:2023-12-08 时长:02分02秒 歌手:ares

作词 : 无
作曲 : 无
ئاقما يېشىم يۈز كەلگىن ئەي، ئاتاڭدىن قالغان قامەتلەرگە،
ئاقما يېشىم ئاۋارە بولما، ئەرزىمەيدۇ نامەردلەرگە، ​
ئاقما يېشىم ئەمدى توختا ، تۆككەن ياشنىڭمۇ نەقى بولسۇن .​
ياش تۆككەن باشقا تەر تۆككەن باشقا ئېتىلما چۈشكەن ئامەتلەرگە .​
ئاقما يېشىم سوت ئېچىلمىغان، ناھەق ئۈچۈن تۆكۈلمە،
ئاقما يېشىم يېقىلمىغان، نامەرد ئۈچۈن تۆكۈلمە .
كىرپىكنى سىرغىغان تامچىلارنىڭمۇ، تۆكۈلىدىغان ئورنى بولىدۇ،
ئاقما يېشىم ھامان 1كۈنى، سېنى ئالىدىغان قويۇم بولىدۇ ​.
ئاقما يېشىم يۈز كەلگىن ئەي، ئاتاڭدىن قالغان قامەتلەرگە،
ئاقما يېشىم ئاۋارە بولما، ئەرزىمەيدۇ نامەردلەرگە، ​
ئاقما يېشىم بىۋاپاغا، ئارقىدىن يالۋۇرۇپ تۆكۈلمە
ئاقما يېشىم جاپالارغا ، تەقدىرگە ئاھ ئۇرۇپ تۆكۈلمە .
ئاقما يېشىم كەلمەسكە كەتكەن، ئەزىزلىرىڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە، ​
ئاقما يېشىم پەلەككە يەتكەن، قەرزلىرىڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە .​
ئاقما يېشىم سېتىلىپ كەتكەن، ئاغىنەڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە،
ئاقما يېشىم چېچىلىپ كەتكەن، ئائلەڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە .
بارلىقىڭنى ۋەيران قىلغان ئاشىقىڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە،
گاداي ۋاقتىڭدا تاشلاپ كەتكەن، مەشۇقۇڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە . تەتۈر پىشانە تەقدىرىڭدىكى، مۇساپىلە ئۈچۈن تۆكۈلمە
قوينى ئاچساڭ سوغۇق تەگكەن، مۇئامىلە ئۈچۈن تۆكۈلمە .
كىشىگە تۆكسەڭ پەرۋا قىلمىغان, نالەڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە,
كۆزۈڭ ئوچۇق يېتەلمەي، كەتكەن غايەڭ ئۈچۈن تۆكۈلمە.
ئارزۇيۇڭ ئۈچۈن تۆلىيەلمىگەن، بەدەللەر ئۈچۈن تۆكۈلمە،
قەدىناسلار بىلەن كۆتۈرەلمىگەن، قەدەھلەر ئۈچۈن تۆكۈلمە .编辑于2023/12/08更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【ares】您也可能喜欢TA们的歌词…

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
不提供下载及不提供任何下载链接,档案仅作低品质试听,本站充分的认识到保护音乐版权的重要性;
由于音乐来自网友通过共享上传,本站未及一一审核,如有侵犯版权请及时电邮并出示版权证明,我们将在24小时内删除。