Turpan Halik Nahxici歌词

添加日期:2023-12-08 时长:15分28秒 歌手:Gupurjan·Kasim

作词 : 民间
作曲 : 民间
تۇرپاننىڭ سۇلىرى
قاراڭغۇ كارىزدىن ئاقىدۇ
ئوسىمسى چارەك جۇۋان
يۇرەككە ئوتلارنى ياقىدۇ
قاپقارادۇر قاشىڭىز
ئۇزۇن ئۇزۇن چاچىڭىز
ۋاي ۋاي
قاراقاشنى دەپ يۇرۇپ
گۇليارىخان
تالادا قالدى ئاشلىقىم
چىنە چىنداندىن چىقۇر
كوزا خۇمداندىن چىقۇر
كۆيىگىم ئەمدى بىسىلدى
دەردى ئۆلگەندە چىقۇر
ئەمدى مەن قانداق قىلاي
گۇليارىخان يارەي
بىۋاپا يار دەردىگە يارەي
ھەيران ئۇقۇماي دىسەم
دەدىم ئۇقۇتامدىكىن
چوڭ بولغاندا يا دەردىم
ئادەم يوق تارتامدىمىكىن
ھەيران مەن ساڭا
ھەيران ئۆتىڭىز يامان
ئۇنى تاتماي ئىلاجەم يوق
ئالەمنى كىزىپ چىقسام
ساڭا ئوخشايدىغان بىرى يوق
زىمىستان كۆرگەن بۇلبۇل
باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس
جاپانى چەكمىگەن ئاشىق
ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس
ۋاي بالىلار كىچىك
قالدى يىتىم
مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن
ئاتام بامۇ مىنىڭ يا قىرىنداشىم
بامۇ مىنىڭ
ۋاي تاغدىكى يامغۇر سۇيىدەك
ئاقىدۇ مىنىڭ ياشىم
مەن ئاتامدىن ئارىلىپ
سۇندى قاناتىم قايرىلىپ
مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن
جانىم ئانامدىن ئايرىلىپ
كۆرگىلى كەدىڭلىمۇ
كۆيدۇرگىلى كەلدىڭلىمۇ
كۆيۇپ ئۆچكەن ئوتنى
ياندۇرغىلى كەلدىڭلىمۇ
باغ ئارا زىۋا يارەي
كۆرگىلى كەلگەن بولساڭ
ئولتۇر قىشىمدا بىر زامان
بىر زامان ئولتۇرمىساڭ قىشىمدا
ئارمان قالۇرسەن
شۇ زامان باغ ئارا
زىۋا يارەي
ئاسماندىكى چولپاندەك
شولا بەرمىگەن يارىم
ئاغزىدا كۇلۇپ قۇيۇپ
كۆڭۇل بەرمىگەن يارىم
ئالما بەرمىگەن يارنى
ئالما بەدى دەرمەنمۇ
كۆڭۇل بەرمىگەن يارنى
ئۆتىدا كۆيەرمەنمۇ
ئايۋانىڭنى بىلمەيمەن
سارىيىڭغا كىرمەيمەن
قاچان كىلىسەن يارىم
قارارىڭنى بىلمەيمەن
غۇنچىگە ماڭدۇق بىز
يارنىڭ غولى بىلەن ئاچىل
ئوينىساڭ تۇزۇك ئوينا
ھەر ئىشنىڭ يولى بار
ئاچىلمىساڭ گۇل قايدا ساچىل
داۋانچىڭنىڭ غولىدا ئاچىل
شىغىل بىلەن قۇم ئاقۇر
ياش باللا بۇ جايدىكەن
قىرىلارنى كىم باقۇر
ئاچىل گۇلۇم ئاچىل
ئاچىلىپتۇ گۇل باغدا ئىچىل
ئىچىلمىساڭ گۇل باغدا
ساچىلىپتۇ ئاچىل编辑于2023/12/08更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【Gupurjan·Kasim】您也可能喜欢TA们的歌词…

更多>

最新歌词

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1