挚爱终难忘 Yetmeydu Omrum歌词
添加日期:2023-08-05 时长:04分34秒 歌手:Mominjan Ablikim
作词 : Muhamma Mesu't
作曲 : Ablikim Ablet
﹎﹎﹎
يۈرەككە ئورناپ كەتتى ئەسلىمە
بىمەھەل توزۇپ كەتسىمۇ گۈلۈم
كۆرۈشمىسەكلا ئۇنتۇيسەن دېمە
سېنى ئۇنتۇشقا يەتمەيدۇ ئۆمرۈم
يۈرەككە ئورناپ كەتتى ئەسلىمە
بىمەھەل توزۇپ كەتسىمۇ گۈلۈم
كۆرۈشمىسەكلا ئۇنتۇيسەن دېمە
سېنى ئۇنتۇشقا يەتمەيدۇ ئۆمرۈم
مەجنۇن ئەمەسمەن
پەرھات ئەمەسمەن
سۆيگۈڭدىن كەلگەن ئاتەش نەپەسمەن
مەجنۇن ئەمەسمەن
پەرھات ئەمەسمەن
سېنى ئۇنتۇشقا يەتمەيدۇ ئۆمرۈم
﹎مۇزىكا﹎
ئايرىدى بىزنى تەغدىر قوللىرى
ئاچتى باغرىنى پىراق چۆللىرى
ھاياتتىن ئۇزۇن سۆيگۈ يوللىرى
سېنى ئۇنتۇشقا يەتمەيدۇ ئۆمرۈم
ئايرىدى بىزنى تەغدىر قوللىرى
ئاچتى باغرىنى پىراق چۆللىرى
ھاياتتىن ئۇزۇن سۆيگۈ يوللىرى
سېنى ئۇنتۇشقا يەتمەيدۇ ئۆمرۈم
مەجنۇن ئەمەسمەن
پەرھات ئەمەسمەن
سۆيگۈڭدىن كەلگەن ئاتەش نەپەسمەن
مەجنۇن ئەمەسمەن
پەرھات ئەمەسمەن
سېنى ئۇنتۇشقا يەتمەيدۇ ئۆمرۈم
﹎مۇزىكا﹎
سېغىنىش دەردى قىلغاندا غەمكىن
خىلۋەتتە پىنھان يىغلارمەن بەلكىم
ئۇنتۇپ كېتىشنى ئويلايمەن لېكىن
سېنى ئۇنتۇشقا يەتمەيدۇ ئۆمرۈم
ئۇنتۇپ كېتىشنى ئويلارمەن لېكىن
سېنى ئۇنتۇشقا يەتمەيدۇ ئۆمرۈم
مەجنۇن ئەمەسمەن
پەرھات ئەمەسمەن
سۆيگۈڭدىن كەلگەن ئاتەش نەپەسمەن
مەجنۇن ئەمەسمەن
پەرھات ئەمەسمەن
سېنى ئۇنتۇشقا يەتمەيدۇ ئۆمرۈم
يەتمەيدۇ ئۆمرۈم
*END*编辑于2023/08/05更新
更多>
喜欢【Mominjan Ablikim】您也可能喜欢TA们的歌词…
Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1