Imkan歌词
添加日期:2023-07-21 时长:02分21秒 歌手:A-Man(曼吾兰)
作词 : A-Man(曼吾兰)
作曲 : A-Man(曼吾兰)
编曲 : A-Man(曼吾兰)
verse-1
ئاڭلا ،تەلمۈرگەن ئاسمانلارغا كېچىلەردىكى غېرىپ ئىنسان
يەتمەك بوپ ۋىسال ئارمىنى تاپالماي دۇنيادىن ھېچبىر ئىمكان
ماڭاتتى كوچىلاردا ئۇ چۈنكى يوق ھېچبىر سىرداش دىلكان
قەدرىگە يەتمەك بولدى كىم ، بولدى بەس ھازىر ھەممىسى نىمجان
توغرا ،ئېغىر قەدەملەرگە ، ھەمراھتۇر ئېغىر نەپەسلەر
كۈلۈپ تۇرۇپ ئاچچىققىنە شۇ يۈتكەن نۇرغۇن ئەلەملەر
يوقايدۇ تەقدىر قامچىسى تەگكەندە يۈرەكتىكى ھەرخىل ھەۋەسلەر
خەيىر ئەمدى بۇ ھېكايە داۋام ئەتمەس بۇداقى يەنە تۆرەلمىشىمدە
verse-2
بولدى مېنى توۋلىمىغىنە يەنە بىر ئاز كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي
چۈشلەر بەكمۇ گۈزەل ئىكەن توختا ، يەنە بىر ئاز كۆرۈۋالاي
رېئاللىق باشنى بەكلا ئاغرىتتى تەقدىر خوپ دېسە كۆنىۋالاي
بېسىملاردا يىقىلىپ كەتمە بۇ ئۇزۇن سەپەر سېنى يۈدىۋالاي
دىگەن كىم ،بولدى جاپا چەكمە چىقمايدۇ ئەمدى ھېچبىرى
كېرەك بولسا ئىزدەپ قويا چۈنكى ھەممىسى قاقۋاش پىرى
كىملا بولسا ياشىيالمايدۇ بۇ جەمئىيەت رىقابەت تەدبىرى
تاشلىۋەتتىم يۈكلۈرۈمنى ئەمما يەنە بۇ نېمە ئىشنىڭ تەبىرى
كۈلكۈلۈك ئەمەس ئاڭلا ، ھەممىسى پەقەتلا ئۈچكۈنلۈكتۇ
تاشلىماي ھەم باشلىمايدۇ بۇ ئىشلا قانچە تۈگۈنلۈكمۇ
ئالغا باسقىم بار ئەمما، باستۇرمايدىغىنى چۈشكۈنلۈكتۇ
قەددىمنى تىك تۇتتۇم شۇڭا ، يېڭەلمىگىنىم مۈشكۈللۈكمۇ
ئىزدەپ ماڭدىم تەقدىرىمنى مەن سورىماي ھېچبىر پالچىدىن
كەزدىم تاغ دەريالار ئارا مەنزىلنى سورىمىدىم سالچىدىن
چۈنكى ئۆزۈملا يىتىمەن مەنزىل يىراق بولسىمۇ دالدىدىن
ئەسەرلىرىمىز ئىجادىيەت بىلسەڭ ئەمەس ئۈزۈندە پارچىدىن编辑于2023/07/21更新
更多>
喜欢【A-Man(曼吾兰)】您也可能喜欢TA们的歌词…
Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
不提供下载及不提供任何下载链接,档案仅作低品质试听,本站充分的认识到保护音乐版权的重要性;
由于音乐来自网友通过共享上传,本站未及一一审核,如有侵犯版权请及时电邮并出示版权证明,我们将在24小时内删除。