Don`t Cry歌词

添加日期:2021-04-26 时长:03分24秒 歌手:AThree

ئېي قىزچاق
تىشىڭدا مەيلى دەيتىڭ كۆڭلىڭدە يىغا ئاۋازى ياڭرايتى ،
كۈلكەڭنى ئوغۇل دوستۇڭ يىغاڭنى قونچۇقۇڭ ئاڭلايتى ،
ياخشى كۆرەتتىڭ ئۇنىڭ مىجەزىنى ھەمدە يۈرۈش تۈرىشىنى ،
ئەمما زېرىككەنتىڭ سىنى باشقا قىزلا بىلەن سىلىشتۇرىشىنى ،
ئۆزۈڭچە مۇھەببەتتە سوقۇشۇشلارمۇ تاتلىق دەيتىڭ ،
كۆڭۈل بۆلەمدۇ دەپ ئويلاپ سەۋەبلىك سەۋەپسىز ئاچچىقلايتىڭ ،
ھەر قېتىم مېنى ئىزدىشى كېرەك چۈنكى مەن بىر قىز دەيتىڭ ،
ئەمما ئۇنىڭ سەن بىلەن چاتىقى يوق ئىدى يەنە سەن ئۇنى ئىزدەيتىڭ ،
يۈرۈكۈمنى ساڭا باغلىدىم دېگەنتى كۆرۈنمەس قۇرۇق دالىدا ،
ھازىر سەن ئۇنى سېغىندىڭ ئۇ ئويناۋاتىدۇ ئالدىراش تورخانىدا ،
ئىسىڭدە ئۇ ھەر كۈنى بىنانىڭ ئالدىدا سىنى ساقلايتى ،
ئەمما ھازىر ئىككى سائەت كېچىكىپ خوشياقمىغاندەك ئۆزىنى ئاخلايتى ،
خۇددى ئەقلىڭ زىھنىڭ ھىسسىياتىڭنى ئۇتۇپ بولالمىغاندەك ،
ئۇ يەنىلا كەتتى خۇددى سەن سۇنى تۇتۇپ قالالمىغاندەك ،
يۈرۈكۈڭدىكى جاراھەتنى پۇشايمان تىكەتتى،
ئۇ تۇرمۇشۇڭغا ئۈسسۈپلا كىرىپ ئەمدى ئۈسسۈپلا چىقىپ كەتتى ،
يىغلىما قىزچاق ، ھېچكىم تاش يۈرەككەنسەن دېمەيدۇ ،
يىغلىما قىزچاق ، كىيىن ئۇ سېنى كۆرسە تەنتىرەيدۇ ،
ئازاپلارنى ئۆتكىزىۋەت ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قۇچاقلاپ قوي ،
يىغلىما قىزچاق ، ھىچكىم ياش تۆكۈشۈڭگە ئەرزىمەيدۇ ،
يىغلىما قىزچاق ، ھېچكىم تاش يۈرەككەنسەن دېمەيدۇ ،
يىغلىما قىزچاق ، كىيىن ئۇ سېنى كۆرسە تەنتىرەيدۇ ،
ئازاپلارنى ئۆتكىزىۋەت ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قۇچاقلاپ قوي ،
يىغلىما قىزچاق ، ھىچكىم ياش تۆكۈشۈڭگە ئەرزىمەيدۇ ،
بۇرۇن دوسلۇرۇڭ ھەۋەس قىلاتتى ئۇ سېنى نەپەس قىلاتتى ،
ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىڭ تۇرمۇشۇڭنى قەپەس قىلاتتى ،
ئۇنىڭ ئىسمىنى پىچىرلىدىڭ ئۇ سېنىڭكىنى توۋلىشى كېرەكتى ،
يېنىغا قايىتقىڭ با لېكىن ئۇ سەندىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكتى ،
ئازاپنى بەرداشلىق كۆتىرەتتى بەرداشلىقنىڭ ئۇچى تالدى ،
ئۈزۈكنىغۇ بېرىۋەتتىڭ لېكىن قولۇڭدا ئۈزۈكنىڭ ئىزى قالدى ،
خۇددى سوغۇق كېچىلەردە يوتقىنىڭنىڭ بىر يېرى ئوچۇقتەك ،
مەن ياخشى دەيسەن لېكىن كۆڭلۈڭنىڭ بىر يېرى پۇچۇقتەك ،
ئالدىراش بولسام ئۇنتۇيمەن دېگەن تاللىشىڭ ئەقەللى ،
پىشانەمدە بولسا قايتىپ كېلدۇ دېگىنىڭ ئۆزەڭە تەسەللى ،
نۇرغۇن قېتىم يىقىلىشلاردا ئۆزۈڭ كۆڭلۈڭنى ياسىغانتىڭ ،
ئۇنۇتما ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشنىڭ ئالدىدىمۇ بىر ئوبدان ياشىغانتىڭ ،
تۇرمۇش دېگەن شۇ ھەر خىل ئىشقا ھەر خىل قېلىپ كېتىدۇ ،
تەغدىر دېگەن شۇ ئۇنىڭكى ئۆزى بېرىپ يەنە ئۆزى ئېلىپ كېتىدۇ ،
ھازىر غۇنچىسى تۆكۈلسە گۈلۈڭنىڭ ئۇنى قۇرۇتۇپ سالما ،
ھازىر كۈلگىن دېمەيمەن لېكىن كۈلۈشنى ئۇنتۇپ قالما ،
يىغلىما قىزچاق ، ھېچكىم تاش يۈرەككەنسەن دېمەيدۇ ،
يىغلىما قىزچاق ، كىيىن ئۇ سېنى كۆرسە تەنتىرەيدۇ ،
ئازاپلارنى ئۆتكىزىۋەت ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قۇچاقلاپ قوي ،
يىغلىما قىزچاق ، ھىچكىم ياش تۆكۈشۈڭگە ئەرزىمەيدۇ ،
يىغلىما قىزچاق ، ھېچكىم تاش يۈرەككەنسەن دېمەيدۇ ،
يىغلىما قىزچاق ، كىيىن ئۇ سېنى كۆرسە تەنتىرەيدۇ ،
ئازاپلارنى ئۆتكىزىۋەت ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قۇچاقلاپ قوي ،
يىغلىما قىزچاق ، ھىچكىم ياش تۆكۈشۈڭگە ئەرزىمەيدۇ . 编辑于2021/04/26更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【AThree】您也可能喜欢TA们的歌词…

更多>

最新歌词

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1