Bir Sen歌词

添加日期:2021-03-02 时长:03分18秒 歌手:Bilal Enwer

作词 : 无
作曲 : Bilal Enwer
بىر سەن / Bir Sen
تېكىست تەھرىرى:ئابدۇخالىق تەربى
Bilal Enwer :
دىل بېغىمدا ئېچىلغان بىر دانە گۈلسەن
يۈرىكىمنى كۆيدۈرگەن قەلبىمدە بىرسەن
دىل بېغىمدا ئېچىلغان بىر دانە گۈلسەن
يۈرىكىمنى كۆيدۈرگەن قەلبىمدە بىرسەن
كۆز ئالدىمدا سىياقىڭ
بىر سەندىلا خىيالىم
تۈگىمەيدۇ سوئالىم، قەلبىمدە بىر سەن
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
Eskender-Uxxak :
يۈرەك سوقار سېنى
ھەربىر كۆرگەن كۈنى
بولسا بۇلبۇل كۆرسە، سېنى چىقماس ئۈنى
دۇنيا يورۇپ كېتەر، بەلكىم تاتلىق كۈلسەڭ
دۇنيانىڭمۇ ئاشىق ساڭا كۈندۈز ھەمدە تۈنى
بىز بارمىغان شەھەرلەر كۆپ، ساقلاپ تۇرار تالاي
قولۇڭدىن يىتلەپ چىقىپ بازار ئايلاندۇراي
سەن ئالغىن كۆينەك، سومكا، مەن يېنىڭدا بولاي
سەن خۇشال بولساڭ بولدى، مەن بەختلىك قىلاي
سەن قولتۇقلاپ مېنى، مەن سېنىڭ قولۇڭنى تۇتۇپ
ئاپىراي يىراقلارغا دەرد - ئازابنى تاشلاپ تۇرۇپ
يۈرەكنى بېرەي ساڭا شۇ ئورنىدىن ئۆزۈم يۇلۇپ
ئاچقۇچنى تاشلىۋېتىپ سۆيگۈمىزگە سېلىپ قۇلۇپ
Bilal Enwer
كۆزۈم ھەردەم يولۇڭدا
تۇتقان گۈلۈم قولۇڭدا
خىيالىمدا ئويۇمدا
قەلبىمدە بىرسەن
كۆز ئالدىمدا سىياقىڭ
بىر سەندىلا خىيالىم
تۈگىمەيدۇ سوئالىم
قەلبىمدە بىر سەن
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
دىل بېغىمدا ئېچىلغان بىر دانە گۈلسەن
يۈرىكىمنى كۆيدۈرگەن قەلبىمدە بىرسەن
♬♪♡♪♬ 编辑于2021/03/02更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【Bilal Enwer】您也可能喜欢TA们的歌词…

更多>

最新歌词

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1