Sowghatliq Ketmen歌词

添加日期:2021-04-26 时长:02分43秒 歌手:AThree

سوۋغاتلىق كەتمەن
AThree - Arslan
تېكىسىت كىرىشتۈرگۈچى:گۈلگىنە ئابدۇللا
ئۇ ئېسىنى بىلسە دادىسىنىڭ قولىدىن كەتمەن چۈشمەيتى
ئۇ ئىتىز بويىدا ئوينايتى دادىسى ئىتىزدا ئىشلەيتى
مەھەللىسدىكى لاي ئېتىپ ئوينايدىغان باللارغا ئۇ ئوخشىمايتى
رادىئو ئۈنئالغۇلارنى بۇزۇپ قۇراشتۇرۇپ توختىمايتى
ئۆيدە بىر كۈن توك توختىغان توك سىمىنى ئۈزىۋەتكىنىگە
دادىسىدىن ھارغىچە تاياق يىگەنتى تېلىۋىزورنى بۇزىۋەتكىنىگە
ئۇ ئاستا ئاستا چوڭ بولدى كىتاب كۆرۈشكە ئامراق بولدى
شۇنىڭدىن تارتىپ دادىسىنىڭ ئۇنى ئۇرىدىغان كالتىكى تومىراق بولدى
خىيالىدا نۇرى بولۇپ سەبىھەنى قۇتقۇزاتتى
دادىسى شۇ چاغدا بېشىغا ئۇرۇپ قولىغا كەتمەن تۇتقۇزاتتى
ئۇ ئويلايتى، ئەتراپىمىزدا تۆمۈر خەلپىلەر جىق دەيتى
ئاپىسى چايخانىدا ۋاقىرايتى تېز ئېتىزغا چىق دەيتى
كىتابنى ھەر يەرگە ئېلىپ كىرەتتى ھەتتا ئات ئېشەك ئېغىلىغا
ئوقىشى مەكتەپتە بىرىنجى ئىدى ھېچكىم بېرىپ باقمىغان ئاتا ئانىلار يىغىنىغا
تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ساقلىدى ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپكە مېڭىشىنى
كىم ئويلىغان بىرىنجى چاقىرىقىنىڭ ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك ئەلەم بېرىشىنى
ئوقىمىغان، ئادەم كۆپ چىققان قايسى مىللەت
يوقىمىغان بۇ دۇنيادىن ھېكايىنى مەن
توقىمىغان، ھەم كۆرگەن شۇ دەرىتمەننى
قاچانغىچە ئەۋلادقا سوۋغات قىلىسەن كەتمەننى
ئوقىمىغان، ئادەم كۆپ چىققان قايسى مىللەت
يوقىمىغان بۇ دۇنيادىن ھېكايىنى مەن
توقىمىغان، ھەم كۆرگەن شۇ دەرىتمەننى
قاچانغىچە ئەۋلادقا سوۋغات قىلىسەن كەتمەننى
چاقىرىقتىكى مەكتەپ ئىسمىدىن 6000 يۈئەن دېگەن خەت چوڭراقتى
ئۇلارنىڭ بارلىق مۈلىكى تۆت مو ئېتىز ئالتە تال ئوغلاقتى
بۇ ئائىلىنىڭ دەردىگە قاراپ باشقىلار ئاچچىق كۈلىدۇ
بالىنىڭ ئوقۇغۇسى بار بۇنى ئۆيدىكىللىرى ئوبدان بىلىدۇ
" بالام " دېدى دادىسى "تۆت يىلغا ئۆينى ساتىدىغان گەپ
ئۇ يەتمىسە قوينى ئاندىن قاننى قاتىدىغان گەپ
ئوقىمىغىن، ساڭا شەھەردىن ياخشى ئىش تېپىپ بېرىمە
رايىڭ بولسىلا يىل ئاخىرىدا ساڭا خوتۇنمۇ ئېلىپ بېرىمە "
ئۇنىڭ كۆڭلىدە كۈرمىڭ سۆز بار ئەمما بىرنىمۇ دېيەلمەيتى
ئادەم يوق يەردە قاتتىق ۋارقىراپ ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمەيتى
ۋاقىت توشتى، باشقىلار ئوقۇش يولىغا چىقتى
ئوڭۇشلۇق ھالدا كەتمەن يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىغا چىقتى
مىللىتىمىز زىيالىلىرىغا بەك كۆپ سۇغۇق سۇ سەپتى
بىزدىكى نىيوتون ئېينىشتىيىنلار دېھقانغا ئايلىنىپ كەتتى
شۇ ھالىمىزغا ئۇيغۇرنى ئىلغار دېسەك قاملىشامدۇ؟
كەتمەن ئۇدۇم بولاۋېرەمدۇ؟ ئورنىغا كىتاب ئالمىشامدۇ؟
ئوقىمىغان، ئادەم كۆپ چىققان قايسى مىللەت
يوقىمىغان بۇ دۇنيادىن ھېكايىنى مەن
توقىمىغان، ھەم كۆرگەن شۇ دەرىتمەننى
قاچانغىچە ئەۋلادقا سوۋغات قىلىسەن كەتمەننى
ئوقىمىغان، ئادەم كۆپ چىققان قايسى مىللەت
يوقىمىغان بۇ دۇنيادىن، ھېكايىنى مەن
توقىمىغان، ھەم كۆرگەن شۇ دەرىتمەننى
قاچانغىچە ئەۋلادقا سوۋغات قىلىسەن كەتمەننى 编辑于2021/04/26更新
更多>

人气推荐

更多>

喜欢【AThree】您也可能喜欢TA们的歌词…

更多>

最新歌词

Copyright @2011 - 2024 www.9ku.com
九酷音乐网 版权所有
ICP备案:黑ICP备2023008593号-1